يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش
E.T. player ئېكران كۆرۈنۈشى
E.T. player فىلىم كۆرۈش دېتالى تەپسىلاتى
1.بىر دېتال ئىچىگە 5خىل ئىقتىدار سەپلەنگەن:

1> ناخشا MTV بۆلىكى:
بۇنىڭدا ھەرقايسى ناخشا بېكەتلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان ناخشا مۇزىكا،ساياھەت،پەن-تېخنىكا،ئۆگىنىش ۋە باشقا فىلىملىك مەزمۇنلار تاللاپ ئېلىنغان .قويۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ھەمدە كەڭ ئېكران قوللايدۇ.

2>DVDكىنو بۆلىكى:
بۇنىڭدا ئەڭ يېڭى ئەڭ سۈزۈك كىنو-فىلىملەر توپلانغان بولۇپ ،سىزنىڭ تىل ئۆگىنىشىڭىزدە ياخشى بولغان ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش مۇھىتىنى ھازىرلىغان.بالىلار ۋە قىزلار كىنو قاناللىرى بىر ئائىلە كىشلىرى بىرلىكتە كىنو كۆرۈشكە قولايلىق مۇھىت يارىتىدۇ.

3>ئويۇن بۆلىكى:
بۇ بۆلەكتە ھەرخىل كىچىك فىلەش ئويۇنلار سەپلەنگەن بولۇپ زېرىككەن ۋە چارچىغان ۋاقتىڭىزدا ئارام ئېلىشىڭىزغا ياردەم بولغۇسى.

4>تېلىۋىزور بۆلىكى:
بۇ ئىقتىدار بۆلىكىدە ھەرقايسى جايلارنىڭ تېلىۋېزور قاناللىرى ، تور تېلىۋېزىيىسىنى بىۋاستە كۆرگىلى بولىدۇ.ئەگەر خەۋەر ئاڭلاش ئادىتىڭىز بولسا ،بۇ ئىقتىدار سىزگە شۇنداق ماس كېلىدۇ.ئىنگىلىزتىلى ،روس تىلى،ئىسپان تىلى،فىرانسۇز تىلى ۋە باشقا تىللارنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىمۇ قوشۇلغان.شۇڭا بۇ ئىقتىدارمۇ سىزنىڭ تىل ئۆگىنىش يولىڭىزدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

5>رادىئو بۆلىكى:
بۇ بۆلەكتە ھەرقايسى يەرلىك رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ ماس قەدەملىك ئاڭلىتىشىنى قوبۇل قىلالايسىز.ئۇنىڭدىن سىرت ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىنگىلىزتىلى ئاڭلىتىش قانىلى قوشۇلغان.

2.شەخسىي تىزىملىك، ياخشى كۆرگەن مەزمۇننى ساقلىيالايسىز:
دېتالنىڭ ناخشا ۋە كىنو بۆلىكىدىكى مەزمۇنلار ناھايىتى كۆپ شۇڭا ئىشلەتكۈچىلەر ئەگەر بىر ئابونت نامىدا تىزىملىتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇ مەزمۇنلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى ئايرىم ساقلىيالايسىز.بۇ كېيىنكى قېتىم يەنە شۇ مەزمۇننى كۆرىشىڭىزگە قولايلىق يارىتىدۇ.

3.دېتالىمىز ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى بىلەن بىرلەشكەن:
بەزىدە ئۆزىڭىز ياقتۇرغان مەزمۇنلارنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ ئورتاق بەھىرلىنىشنى ئويلايسىز،ئەلۋەتتە دېتالنى خالىغان بىر ئابونت نامىدا تىزىملىتىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق بلوگى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.سىز مەيلى كىنو توپلاڭ ياكى يېڭىدىن ناخشا قوشۇۋېلىڭ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆز بلوگىڭىزدا ئەكىس ئېتىدۇ.دېمەك ئۆزىڭىزنىڭ تور بېتىدە ياقتۇرىدىغان مەزمۇنلارنى كۆرەلەيسىز ۋە ئادرىسىنى دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتەلەيسىز دېگەن گەپ.

ئۇنىڭدىن سىرت سىز ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىڭىزدا تىل ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇچرىغان ھەرخىل سۇئاللارنى كۆپچىلىكتىن سورىسىڭىز،ياكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا جاۋاب سۈپىتىدە قايتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.بلوگ مەشغۇلاتى ئاسان ۋە يېقىشلىق لاھىيىلەنگەن.نومۇر تۈزۈمى ئورنىتىلغان .قانچىكى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرسىڭىز نومۇرىڭىز داۋاملىق ئۆرلەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن بېكەتلەردىكى بەزى تەربىيلەش فىلىملىرى ۋە باشقا ماتىرىياللىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرەلەيسىز. تېخىمۇ خۇشاللىنارلىقى شۇكى بىزنىڭ پۈتكۈل سېستىمىمىز پۈتۈنلەي بىرگەۋدە سۈپىتىدە ئۆز قولىمىز بىلەن تۈزۈپ چىقىلغان شۇڭا بۇندىن كېيىنكى تەرەقىياتى تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىق بولىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ تەرەقىيات چوقۇم كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
etplayerفىلىملىك چۈشەندۈرۈش -قوش چەكسىڭىز پۈتۈن ئېكران بولىدۇ
كىنو كۆرۈش ۋە ناخشا ئاڭلاش
تېلىۋىزور ۋە رادىئو
كىچىك ئويۇنلار
ئۆزۈمنىڭ ناخشا تىزىملىكى
تۈر بەلگىلەش
سۈرئەت تېزلىتىش ئۇسلۇللىرى
...
xpsp2 سۈرئەت كۆتۈرۈش دېتالى چۈشۈرۈش



WINDOWS XP SP2 ئابونىتلىرى يۇقارقى دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن كىنو قويۇلۇش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

IE7.0 -- IE8.0 تور كۆرگۈچىنى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلار بىرىنچى قېتىم كىنو كۆرگەندە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلسە ئىجرا قىلىشنى تاللىساق كىنو نورمال قويۇلىدۇ.خۇددىي تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك:  
بلوگنى قانداق ئىشلىتىمىز؟ فىلىملىك چۈشەندۈرۈش
بېكەت ئادرىسى ۋە بلوگ ئادرىسى
بلوگ كىرىش ئېغىزى
بلوگ باشقۇرۇش
سۇئال-جاۋاب
خاتىرە يېزىش
كىنوخانا ۋە توپلانما
دوستلۇرۇم
سۆز قالدۇرۇش
قوشۇمچە ئىقتىدارلار- فىلىملىك چۈشەندۈرۈش
مەھەلە
باش بېكەتتىن ناخشا كىنو قوشۇش
باش بېكەتتە كىنو كۆرۈش
مىسال ئېلىنغان بلوگ بەت نۇسخىلىرى